باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.09.21 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەمگەك قىلىدىغان ئىش ئورنى، كىرىم قىلىدىغان مەنبەسى بولۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش، تاشقى سودىنىڭ قولايلىق دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن-ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ۋە زور ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئالدىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كونا-يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق شەھەر-بازارلاردا يىلدا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا 10 مىليون كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئېلىمىز ھازىر يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى مەزگىلى ۋە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتنىڭ گەۋدىلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بازارلاشقان، كەسىپلەشكەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى ۋە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەرقلىق سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش، شۇنداقلا ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېزىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە يەنىمۇ مەدەت بېرىدىغان تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئېلان قىلىش كېرەك. كونا-يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىش ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش پىلانى ۋە ئاساسىي قاتلامدا يېتىلىش پىلانىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلار ۋە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز مالىيەسى مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېردىكى ئىش ئورنى بىلەن يۆلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شاللىۋېتىلگەن كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىنات سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مېيىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئۇدۇللۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن كەسپىي مائارىپنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىش، دەرسلىك مەزمۇنىنى تۈزۈش قاتارلىقلارنى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت ئېھتىياجى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي كارخانىلارنىڭ تېخنىكا مەكتىپى ئېچىشىنى قوللاپ، ئەمگەكچىلەرنى ئۆمۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كېرەك. تۆتىنچى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە ماس كېلىدىغان ئەمگەكچى ئىشلىتىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، توردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئالاقە تورى + جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى»نى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى يوقىتىپ، تەكلىپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرز قىلىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر