- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرى ساختا بومبا تەھدىتى مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان
2017.09.20 14:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر ھەپتىدە، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرى ساختا بومبا تەھدىتى مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان، ئالاقىدار تارماقلار 180 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى تارقاقلاشتۇرغان، ھەمدە 600 ئاممىۋى سورۇندا پارتلاتقۇچ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن.
بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى رۇسىيە جىددىي ئەھۋال تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: 18-سېنتەبىر 7 فېدېراتىپ ئورگىنى ساختا بومبا تەھدىتى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ سەۋەبتىن 7500 ئامما تارقاقلاشتۇرۇلدى، 51 ئاممىۋى سورۇندا پارتلاتقۇچ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلدى، موسكۋانىڭ بىر قانچە ناھىيە بازىرىمۇ ساختا بومبا تەھدىتى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر