باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن «غەربىي قىسىم-2017» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈردى

2017.09.20 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 18-سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ لېنىنگىراد ئوبلاستىدا رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «غەربىي قىسىم-2017» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، پۇتىن تىك ئۇچار بىلەن مانېۋىر مەيدانىغا بېرىپ، نەق مەيداندا دۇربۇن بىلەن مانېۋىرنى ئەستايىدىل كۆرگەن ھەمدە ياخشى باھا بەرگەن. رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ قاتارلىقلار پۇتىنغا ھەمراھ بولۇپ مانېۋىرنى كۆرگەن.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 90 نەچچە ۋەكىل مانېۋىرنى كۆرگەن. بۇ قېتىمقى مانېۋىر ھەر دەرىجىلىك ئىشتابلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىكى ماسلىشىشچانلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە ئارمىيەلىرى ھەمدە قورال-ياراق قوماندانلىق سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، قوماندانلارنىڭ ھەربىي پائالىيەتلەر ۋە قىسىملارنى باشقۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر