باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مۇھىت كۆزىتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.09.22 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مۇھىت كۆزىتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «مۇھىت كۆزىتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  مۇھىت كۆزىتىش مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇل خىزمىتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تايانچى. مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ باھالاش، بۇلغىمىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئىنكاس قىلىش، مۇھىت باشقۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاساسى. ھازىر، يەرلىكنىڭ مۇھىتنى كۆزىتىشكە نامۇۋاپىق ئارىلىشىۋېلىش قىلمىشى ئارىلاپ يۈز بېرىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلغىما چىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىپەزلىك قىلىش قىلمىشى كۆپ قېتىم چەكلەنسىمۇ تۈزىتىلمەسلىك، مۇھىت كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋاللىرى مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا سۈپەت مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇھىت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىنى توستى. مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئېھتىياجىغا قويۇپ، قانۇن بويىچە كۆزىتىش، ئىلمىي كۆزىتىش، سەمىمىي كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت كۆزىتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساختىپەزلىك قىلمىشىنى قانۇن-نىزام بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر