باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇشخەۋەر! باجغا چېتىلىدىغان 15 تۈرلۈك ئىش يىل ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىلىدۇ

2017.09.22 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى 21-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئۆلكە ئاتلاپ تىجارەت قىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ باجغا چېتىلىدىغان 15 تۈرلۈك ئىش تۈرىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، 4 چوڭ تۈر بويىچە 15 تۈرلۈك ئىشنى يىل ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۆلكە ئاتلاپ تىجارەت قىلىۋاتقان كارخانىلار باج بېجىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېقىن ئەتراپتىكى باج ئورگىنىغا باشقا جايدا باجغا چېتىلىدىغان ئىش تۈرلىرىنى بېجىرىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. مالىيە-باج تارماقلىرى «باشقا جايدا قوبۇل قىلىش، ئىچكى قىسىمدا يۈرۈشتۈرۈش، تەۋەلىك بويىچە بېجىرىش، ئاخىرلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، باج خامچوت قاتلام دەرىجىسى ۋە كىرىم تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمەسلىك، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ مەسئۇل باش ئورگىنىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا چېتىلىدىغان تۆت چوڭ تۈر- باجغا چېتىلىدىغان ئۇچۇر دوكلات تۈرى، باج مەلۇم قىلىشنى بېجىرىش تۈرى، ئېتىبىار بېرىپ ئەنگە ئېلىشنى بېجىرىش تۈرى ۋە ئىسپات بېجىرىش تۈرى. كونكرېت ئېيتقاندا، باجغا چېتىلىدىغان ئۇچۇر دوكلاتى تۈرى پۇل ئامانەت ئىسچوتى نومۇرى دوكلاتى، مالىيە بوغالتىرلىق تۈزۈمى ۋە ھېسابات يۇمشاق دېتالىنى ئەنگە ئېلىش دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ باج مەلۇم قىلىشنى بېجىرىش تۈرى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك ياكى زور سوممىلىق مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش دوكلاتى، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ قوشۇۋېتىش-ئايرىۋېتىش ئەھۋالى دوكلاتى، ھۆددە ئىجارە بېرىش ئەھۋالى دوكلاتى، كارخانىلارنىڭ يىللىق پۇل، كەسپىي يىللىق پۇلنى تۇتۇپ قىلىش، تاپشۇرۇش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر