باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز بۇ يىل يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلارنى بېكىتتى

2017.09.22 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، نۇقتا دائىرىسىدە كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى بېيجىڭ خەيدىيەن رايونى قاتارلىق 100 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى 2017-يىللىق يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونى قىلىپ بېكىتتى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چۈشۈي ناھىيەسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى 2015-يىلى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادى پاي ھوقۇقى فۇنكسىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئاساسىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋاقتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر