باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى 2017- يىلى 276 مەمۇرنى ئاشكارا تاللاپ يۆتكەيدۇ

2017.09.22 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى 276 مەمۇرنى ئاشكارا تاللاپ يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 10:30دىن 9- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 18:00گىچە بولىدۇ. تىزىملاتقانلاردىن 10- ئاينىڭ 15- كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

  تىزىملىتىش ئۇسۇلى توردا تىزىملىتىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەپسىلىي ئەھۋالنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تور بېكىتىگە چىقىپ، «تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى»نى كۆرۈش ئارقىلىق بىلىشكە بولىدۇ.

  تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 10:30دىن 9- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 18:00 گىچە

  ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 10:30دىن 9- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 18:00 گىچە

  ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى: 10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 10:30دىن 10- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 24:00 گىچە

  ئىمتىھان ۋاقتى: 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى (يەكشەنبە). كونكرېت ۋاقىتنى بىلىش ئۈچۈن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىگە قاراڭ. نەتىجە ئېلان قىلىش ۋاقتى: 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى (جۈمە) سائەت 18:00 گىچە.

  تاللاپ يۆتكەش ئۇچۇرلىرى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە:

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تور بېكىتى (www.wlmqrsks.com)دە تىزىملىنىش ۋە نەتىجىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. نىزامنامە، سىياسەت جەھەتتىكى جاۋابلار ۋە ئېلان قاتارلىق ئۇچۇرلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى (http://wlmq.xjrs.gov.cn/) ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تور بېكىتى (www.wlmqrsks.com)دە ئېلان قىلىنىدۇ. خىزمەتتە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغانلىق سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى ئاشكارا تاللاپ يۆتكەشنىڭ ۋاقتى ۋە سىياسەتلىرى تەڭشەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلامۇ يۇقىرىقى تور بېكەتلىرىدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر