باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، شاڭخەينىڭ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشىنى قوللىدى

2017.09.22 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا «بېيجىڭ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، ئىككى شەھەرنى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئەندىزىسى، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىش، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەھەتلەردە دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، تىرىشىپ كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈپ، تەمىنلەش ئوبيېكتى دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ سېتىش باھاسىنى بېكىتىش، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سۇبيېكتلارنىڭ ئۆي ئىشلىتىش، ئاسراش جەھەتلەردىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بېكىتىپ، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى ئېلىپ-ساتماي، تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى راۋاجلاندۇرۇش تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۇرالغۇنى ئېلىپ-سېتىشقا يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى، سېتىش بىلەن ئىجارىگە بېرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، بازارنى ئاساس قىلغان كۆپ قاتلامنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ئاساس قىلغان ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، تۇرالغۇنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ مەسىلىنى تېز ھەل قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر