باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر كۆلىمىنى كېڭەيتتى

2017.09.21 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختى ئەرشىدىن خەۋىرى) سۇلۇق يەرنىڭ «يەر شارىنىڭ بۆرىكى» دېگەن نامى بار، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى چارۋىنى ئوتلاقتىن قايتۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش، كىچىك كۆلچەكلەرنى كۆلگە قايتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. بەش يىل ئىچىدە سۇلۇق يەر كۆلىمى ئەسلىدىكى 3 مىليون 150 مىڭ مودىن 5 مىليون 180 مىڭ موغا كېڭىيىپ، بۇ يەرلەردە پاناھلىنىدىغان ھايۋانات ۋە سۇ قۇشلىرى 270 خىلغا، ياۋا ئۆسۈملۈك 520 خىلغا يەتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ دولان دەرياسى سۇلۇق يېرى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ توشقان دەرياسى سۇلۇق يېرى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ سوخۇ سۇلۇق يېرى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يىكەنكۆل سۇلۇق يېرى، شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى سۇلۇق يېرى، باي ناھىيەسىنىڭ مۇزات دەرياسى سۇلۇق يېرى بىر قەدەر داڭلىق. 2012-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى سۇلۇق يەر بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چارلاپ تەكشۈرۈشىدە سۇلۇق يەر كۆلىمىنىڭ 3 مىليون 150 مىڭ مو ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. شۇندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى دۆلەتنىڭ چارۋىنى ئوتلاقتىن قايتۇرۇش، ئۈنۈمسىز تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى يىلمۇ يىل كېڭەيتتى. يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن قايتۇرۇلغان سۇلۇق يەر كۆلىمى 2 مىليون 32 مىڭ 500 موغا، بۇ يەرلەرگە تىكىلگەن مەجبۇرىيەت كۆچىتى 8 مىليون 475 مىڭ تۈپكە يەتكەن بولۇپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى ھازىرقى 5 مىليون 182 مىڭ 500 موغا كېڭىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي سۇلۇق يەر كۆلىمىنىڭ % 8. 75تىنى تەشكىل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر