باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرى مەملىكەت بويىچە 5-تۈركۈمدىكى مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالاش تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى

2017.09.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختى ئەرشىدىن خەۋىرى) مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى يېقىندا 5-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالاشقا قاتنىشىدىغان شەھەر (رايۇن، ناھىيە)لەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھرى بۇ تىزىملىككە كىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىنبىر مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالاش تىزىملىكىگە كىرگەن ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قالدى.

  ئاقسۇ شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى كومتېتى ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە، ئاقسۇ شەھرى 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي شەھەر، دېگەن نامغا ئېرىشكەن، ئۇندىن كېيىن، 2011-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن تەڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر نامزاتىغا كۆرسىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشپ، ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك كومتېتىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر ساھە، ھەرمىللەت كادىر-ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ «جۇڭگودىكى ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىشىقا ماس مۇھىت يارىتىش بۇيىچە ئۈلگە مۇكاپاتى»، «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى»، «مەملىكەت بويىچە كۆكەرتىش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەھەر»، «مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر»، «مەملىكەت بويىچە‹ئىككىنى ھىمايە قىلىش›تىكى مۇنەۋۋەر شەھەر»، «مەملىكەت بۇيىچە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەھەر»، «مەملىكەت بويىچە باغ-باراڭلاشقان شەھەر» قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، توغراقلىق باغچىسى، شەرقىي شەھەر باغچىسى، دۆلەت ئورمان باغچىسى ۋە چوڭ –كىچىك كوچا دوقمۇشلىرىدا كىچىك تىپتىكى گۈللۈك–سەيلىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر