باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدا ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

دىن خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.09.22 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 21- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭى ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى دىن خىزمىتى توغرىسىدا سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە دىنىي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىدە ئىناق ۋە مۇقىملىق بولۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلاپ كەلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلغان بۇ «نىزام» مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق؛ ھەمدە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى توسۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئاتلىنىشقا پايدىلىق.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «يېتەكچىلىك» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پائال ۋە ساغلام دىنىي مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ساقلاش، دىن خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجىسى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر