باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى مەيداندا كۈچلۈك رەقىبكە يولۇقتى

2017.09.22 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، 26-نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋاسكېتبول كۇلۇبى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى خۇنەن چېنجۇدا باشلىنىدۇ. جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ چىققان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۇبەي خەلىپىلىكىنىڭ ئەل ئاخلى كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

  بۇ مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيونى، شۇنىڭدەك CBA نىڭ يېڭى چېمپيونى بولغان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەڭ كۈچلۈك ماھىرلارنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئادامىس ۋە بىلاتچى ئەڭ كۈچلۈك چەت ئەل ماھىرلىرى ھېسابلىنىدۇ، يەنە بۇ يىل يازدا دۆلەت كوماندىسىدا ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تاۋلانغان لى گېن، ئابدۇسالام، قىرانبىك، شىرئەلىجان، ۋاڭ زىرۈي ۋە يۈ چاڭدۇڭ قاتارلىقلارمۇ بار.

  ئەل ئاخلى كوماندىسى دۇبەي ۋەلىئەھدىسى خالداننىڭ كوماندىسى بولۇپ، پارىس قولتۇقى كۇلۇبى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەل ئاخلى كوماندىسى ئۇدا ئىككى يىل بۇ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

  ئەل ئاخلى كوماندىسىدىكى كۆپ قىسىم توپچىلار كەسپىي توپچى ئەمەس بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى يۇقىرى كىرىملىكلەر بولۇپ، توپ ئويناش ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئەل ئاخلى كوماندىسىدىمۇ يەنە چولپانلار بار بولۇپ، ئىلگىرى «76 كىشىلەر»، «كۈل رەڭ ئېيىق» قاتارلىق كوماندىلاردا توپ ئوينىغان سابىقNBA توپ چولپىنى سام يان نۆۋەتتە بۇ كوماندىدا.

  ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋە ئەل ئاخلى كوماندىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىكى B گۇرۇپپىدا تۇتۇشۇپ باققان ھەم 79غا قارشى 108 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر