باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا قارشى ئالىدۇ

2017.09.22 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «باش شۇجىنىڭ ھاۋالىسى ئۈچۈن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا قارشى ئالىدۇ دېگەن ئىككىنچى قىسمى.

  2014-يىلى 1-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى ۋە فۇجۇ شەھىرىگە كېلىپ، ئېغىز، پىرىستان، كارخانا ۋە مەھەللىلەردە تەكشۈرۈشتە بولدى، ئەگەر شېنجېننىڭ تەرەققىياتى شياڭگاڭنى جەلپ قىلدى دېسەك ئۇنداقتا فۇجيەن پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نىشان دەل تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىق، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەن ئامىلىنى توپلاش. 2014-يىلى باش شۇجى پىڭتەننى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن بۇ يەردە يەنە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ باش شۇجى شۇ چاغدا كۆرۈشكەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغانمىدۇ؟ ئەمدى «جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بەش يىل، باش شۇجىنىڭ ھاۋالىسى ئۈچۈن»ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «چوڭ قۇرۇقلۇق ھەرقانداق چاغدا تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنى قارشى ئالىدۇ »دېگەن ئىككىنچى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

  جو خۇابىن ئەينى چاغدا باش شۇجى پىڭتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى ئىشنى تېز بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈپىتىدە باشتىن ئاخىرى باش شۇجىنىڭ بارلىق تەكشۈرۈش جەريانىغا قاتناشقان ئىدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باش شۇجى ماشىنىدىن چۈشۈپلا: پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى مەملىكەت بويىچە ئۆزگىچە رايون، داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك دېدى، باش شۇجى ھەرقانداق يەردە تەكشۈرۈش تەتقىقاتتا بولغاندا ئەھۋاللارنى ئىنتايىن تەپسىلىي سوراپ ماڭدى، مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئۇ ماڭار چاغدا ئىككى ئىشنى تاپىلاپ مۇنداق دېدى: پىڭتەننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تەستە قولغا كەلگەن، ئەمدى جۇڭگو چىنارى تېرىپ، ئالتۇن سۇمۇرغنى جەلپ قىلىڭلار.

  پىڭتەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەن ئارىلىغا ئەڭ يېقىن رايون، دېڭىز بوغۇزى ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى 2011-يىلى قاتنىغاندىن كېيىن پىڭتەندىن تەيۋەنگە پەقەت ئۈچ سائەتتىلا بارغىلى بولىدىغان بولدى، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىككى قىرغاقتىن پىڭتەن ئېغىزى ئارقىلىق بېرىپ كېلىدىغانلار سانى 580مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، باش شۇجى پىڭتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا يەنە دېڭىز بوغۇزى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار قاتناش پىرىستانىغا باردى، شۇ چاغدا باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەن تەيۋەنلىك سودىگەر تاۋ جۈنچېڭنىڭ ئېسىدىن باش شۇجى بىلەن پاراڭلاشقان ئەينى چاغدىكى مەنزىرە قەتئىي چىقمايدۇ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بىزگە ناھايىتى يېقىملىق تۇيغۇ بەردى، بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، بىز باش شۇجىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بەك كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.

  پىڭتەن تەيۋەن ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا جايلاشقان زوڭرېن پەن تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش شىركىتى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەيۋەن مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانا، بۇ كارخانىنىڭ باش دىرېكتورى دوكتور چېن مېڭباڭ ئىلگىرى نۇرغۇن يىل چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئالىي باشقۇرغۇچى بولغان، ئۇ پىڭتەن رايونىنىڭ فۇجيەن تەيۋەن ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشتەك تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەتقىقات ئۆمىكىنى باشلاپ بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بىزنىڭ ئىجارە ھەققىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ بىزگە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرگەندىن باشقا يەنە بىزگە ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسىمۇ بەردى، بۇ ئاساسلىقى بىزنىڭ باج تاپشۇرۇش سوممىمىزغا قاراپ بېرىلىدۇ، باج تاپشۇرۇش سوممىسى مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا بىزگە ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

  پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونىنىڭ سودا ئىشلىرى تۈزۈمى جەھەتتىكى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشى زوڭرېن پەن تېخنىكا شىركىتىگە ئوخشاش كارخانىلارنى سىياسەتتىن تولۇق نەپلەندۈردى، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تولۇقلىمىسىدىن باشقا يەنە چېن مېڭباڭنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ جاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سۈرئىتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى بۇنداق سۈرئەتنى تەيۋەندە ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، بۇ جايدا تەيۋەنلىكلەرگە پايدىلىق نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەر بار، بۇنى تەيۋەندە ئويلاپمۇ يېتەلمەيسىز.

  2017-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى تەيۋەن ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا كېلىشىم تۈزۈپ كىرگەن ئاپپاراتلار 373گە ، تەيۋەن مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار %50گە يەتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا پىڭتەندە تەكشۈرۈشتە بولۇشى تەيۋەن مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ پىڭتەنگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

  ناھايىتى نۇرغۇن تەيۋەنلىك سودىگەرلەر بۇ بىرقانچە يىلدا ئۆز كارخانىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىياتىنى ئەسلىسە چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ، بىر تەيۋەنلىك سودىگەر: باش شۇجى، بىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۇرمۇشىمىزغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، مېنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىكى ئىشلىرىم ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى دېدى، يەنە بىر تەيۋەنلىك ياش: بىز پىڭتەن ئارىلىدا تەرەققىي قىلغان تەيۋەنلىك ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يەردىن نەپ ئالدۇق، پىڭتەننىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى، پىڭتەندىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بىر ياش: باش شۇجى ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ سىزنىڭ بىزدەك ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلارنى قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

  چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بۇنچە چوڭ بازىرىدا ھەرقانداق ۋاقىتتا تەيۋەن تاۋارلارنى كۆپلەپ كىرگۈزىمىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق، تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا، فۇجيەنگە كۆپلەپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر