- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى
2017.09.22 17:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: ھەر قايسى رايونلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ نامۇۋاپىق ئارىلىشىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئارىلاشقانلارنى جازالاشنىڭ باشقۇرۇش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەتچىلىرى خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا تەسىر كۆرسىتىش، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش، ئويدۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر