باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماتىس ئامېرىكىنىڭ «يادرو دېلتىسى»نى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

2017.09.22 17:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «يادرو ۋەزىيىتى باھالىشى»نى تەتقىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلگىرىكى ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ «يادرو دېلتىسى»نى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قاراپ ھۆكۈم چىقارغاندا، ئامېرىكا كەلگۈسىدە يادرو قورالى ئامبىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ يېڭىلاش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك، ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ جانلىق بولۇش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. ماتىس يېقىندا مىنوتتى ھەربىي بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ئىلگىرى «يادرو دېلتىسى»دىن گۇمانلانغان ئىدىم، ئەمما مەن بۇ دېلتىنىڭ بىر بۇرجىكىنى چېپىۋەتكەندە، دۈشمەنگە تەھدىت سېلىش ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  «يادرو دېلتىسى» دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن ئىبارەت ئۈچ خىل يادرو قورالى قويۇپ بېرىش ئۇسۇلىنىڭ قىسقارتىلمىسى. ماتىس ئىلگىرى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان يادرو قورالى سەپلەنگەن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن ۋاز كېچىشكە بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى.

  ۋاھالەنكى، ئۇ بۇ قېتىم مىنوتتى ھەربىي بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مەيدانىنى ئۆزگەرتتى. ئەمما ئۇ «يادرو دېلتىسى»نى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يەنىلا ھەربىي خىراجىتىنى تېجەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «يادرو دېلتىسى»نىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەربىي خىراجەتنى پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بىز قايىل قىلارلىق سەۋەب بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك، مەن ئۇلارنى بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ئۈچۈن پۇل چىقىرىشقا قايىل قىلىشىم كېرەك.

  مىنوتتى ھەربىي بازىسى ئامېرىكىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى شىمالىي داكوتا ئىشتاتىدا بولۇپ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن يادرو قورالى قويۇپ بېرەلەيدىغان بىردىن بىر ھەربىي بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ماتىس 8-ئايدا دېڭىزدىن يادرو قورالى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋاسوپو دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ئىدى. ئۇ «يادرو دېلتىسى»غا بولغان تەكشۈرۈشنى تاماملىدى.

  ماتىسنىڭ «يادرو دېلتىسى»نى تەكشۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «يادرو ۋەزىيىتىنى باھالىشى»نىڭ بىر قىسمى. ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇنى باھالاش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ ھەمدە دوكلات ھاسىل قىلىپ، ئۇنى يادرو ئىستراتېگىيەسىنىڭ فاڭجېنى قىلىدۇ. ھازىرقى زۇڭتۇڭ تىرامپمۇ باھالاش تەلىپى قويدى. ماتىس باھالاشنى قاچان تاماملايدىغانلىقى توغرىسىدا، ھازىرچە ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى يوق، دېدى. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى كېلەر يىلىنىڭ بېشى تاماملىنىشى مۇمكىن، دېدى.

  ماتىس مۇنداق دېدى: مەن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم باھالاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرىمەن. مەن يەنە نوپۇزلۇق ھەربىي تەرەپ ئەربابى، ئالىم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلايمەن.

  ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمە جەمئىيىتى يادرو ئۇچۇرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەنىس.كىرىستىنسىن مۇنداق دېدى: گەرچە سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يادرو ۋەزىيىتىنى باھالىشى»دا ئۆزگىرىش چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاخىرىدا ھاسىل قىلغان دوكلاتتا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك ياكى يادرو ئۇرۇشى خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى چەتئەل ئارمىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت ما شاۋجى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: «يادرو دېلتىسى» ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە دۇنيادىكى زومىگەرلىكىنى ساقلىشىدىكى مۇھىم تايانچى. تىرامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، يادرو تېررورچىلىقى، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە ئاساسلىق يادرو تەھدىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە. كەلگۈسىدە، چوقۇم يادرو قورالىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ يېڭىلاش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئورنىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يادرو قورالىنىڭ دۇنيا ساھەسىدە تارقىلىپ كېتىشىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەيدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىنىدۇ: ئامېرىكىنىڭ ھازىر بار بولغان يادرو قوراللىرىنى 2030-يىلدىن كېيىن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئامېرىكا يادرو قورالى ئامبىرىنى زور كۆلەمدە يېڭىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە، يادرو قورالىنىڭ جانلىقلىقى، دەللىكى ۋە ئاسان ئالماشتۇرغىلى بولۇشچانلىقى يادرو قورالى ئامبىرىنى يېڭىلاشتىكى ئۈچ چوڭ تېخنىكا يۈزلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  كىرىستىنسىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم يادرو قورالى ئامبىرىنى يېڭىلاش جەريانىدا ئۇچ خىل يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يادرو ئوق بېشىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشاننى تېخىمۇ دەل ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن، يادرو ئوق بېشىغا تېخىمۇ ئىنچىكە ئېلېكتىرونلۇق جابدۇق سەپلەش ھەمدە ئەسلىدىكى ئوق بېشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى دېڭىزدا ياكى قۇرۇقلۇقتا قويۇپ بېرىشقا ئۆزگەرتىشكە قولايلىق قىلىش.

  فاڭ شاۋجى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى ئامبىرىنى زور كۆلەمدە يېڭىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ يادرو قورالى ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك، تېخىمۇ دەل تېگىدىغان، ئورۇنلاشتۇرۇشى تېخىمۇ جانلىق، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ تاكتىكىلىق يۈزلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر