باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېكسىكا قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش جەھەتلەردە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى

2017.09.22 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مورېلوس ئىشتاتىدا 19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن 7.1 بال يەر تەۋرىدى، جايلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 248 ئادەم قازا قىلغان. قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن. يېرىم ئاي ئىچىدە كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مېكسىكا قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش جەھەتلەردە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى شۇ يەر ۋاقتى 19-سېنتەبىر سائەت 13 تىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەردى. تەۋرەش مەركىزى مورېلوس شىتانىنىڭ ئاكسۇ چاپىن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 57 كىلومېتىر. پايتەخت مېكسىكا شەھىرىگە 127 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  يەر تەۋرىگەندە مېكسىكا شەھىرىدە قاتتىق سىلكىنىش بولدى، بىر قىسىم كوچىلاردا توك ۋە تور ئۈزۈلۈپ قالدى.

  مېكسىكىلىق گارسىيا شۇ ۋاقىتتا مېترودا كېتىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بىز يەر تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلمىدۇق، پويىز بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن، يەرنىڭ دەھشەتلىك تەۋرەۋاتقانلىقىنى بىلدۇق، كىشىلەر مېترودىن قىستىلىشىپ قېچىشقا باشلىدى.

  مېكسىكا شەھىرىدە پىدائىيلار ۋە قۇتقۇزغۇچىلار خارابىلىكلەر ئارىسىدىن ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلار خىش-كېسەكلەرنى قولى بىلەن يۆتكەشكە مەجبۇر بولدى. نەق مەيداندا قۇتقۇزغۇچىلار خارابىلىك ئاستىدا قالغان ھايات قالغۇچىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، كىشىلەرنى تىنچ بولۇشقا ئۈندەيتتى.

  مېكسىكا شەھىرىنىڭ باشلىقى مىگوئېل.مانسېللا: يەر تەۋرەشتە مېكسىكا شەھىرىدىلا 49 كىشى قازا قىلدى، 29 ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشتى، دېدى.

  مىكسىكىدا يېرىم ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم يەر تەۋرەپ، ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى سىنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش مېكسىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدىكى ئىپادىسىمۇ كېلەر يىلقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مېكسىكا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى كارلوس.دەننېر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مېكسىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە قاتتىق شەھەر پىلانى ۋە قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىشلىرى كەمچىل، گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە تۇپرىقى ئۆي سېلىشقا ماس كەلمەيدىغان جايلارغىمۇ بىنا سېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان نامرات ئائىلىلەر ئۆي ئالالمىغانلىقتىن، ئۆزلىرى كەپىلىك ئۆيلەرنى سېلىۋالغان، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى باشقۇرۇشى ياخشى بولمىدى، ۋاقتىدا تەكشۈرمىدى ۋە چېقىۋەتمىدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆرۈلۈپ كەتكەن نۇرغۇن ئۆيلەر سېلىنغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان ئۆيلەركەن، ئاساسەن خىش-كېسەكلىك ياكى ياغاچ ئۆيلەر بولۇپ، پولات چىۋىق ئىشلىتىلمىگەن. بۇنداق ئۆيلەر قاتتىق يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.

  7-سېنتەبىر يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە 98 كىشى قازا قىلغان ئىدى. ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىككى ئىشتاتتا ئاپەتكە ئۇچرىغانلار مىليوندىن ئاشتى، ھازىر يەنە 300 مىڭ كىشى بۇزۇلغان ئۆيلەردە تۇرماقتا. بۇزۇلغان 2600 مەكتەپنى رېمونت قىلىش ئۈچۈنلا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ.

  19-سېنتەبىردىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەت ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان جايلار بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان ئالدىنقى قېتىملىقتىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

  مېكسىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل مېكسىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

  مېكسىكا كېلەر يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئىپادىسى كېلەر يىلىدىكى سايلامغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قارىتا، مۇكەممەل بولغان يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئاممىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىدار بولۇشى، مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئېڭى ۋە يەر تەۋرەشتە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقزەدە بولۇش سەۋەبىدىن مالىمانچىلىق كېلىپ چىقىشتىن ساقىنىش- يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلار چوقۇم ئىشلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي خىزمەت. ئادەتتە قەرەللىك ھالدا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئە كۆرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، يەر تەۋرەشكە ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرغاندىلا، يەر تەۋرىگەندە، ئۇنىڭغا سالماق تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

  بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەندە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ. بىر قىسىم كۆپ يەر تەۋرەيدىغان جايلاردا، ھۆكۈمەت چېرتىيۇژ قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ، قۇرۇلۇش ماتىرىيالىغىچە قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغاندا، بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئۆلۈم-يېتىم پەيدا بولۇشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ.

  ھازىرقى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنى دەل ئالدىن مۆلچەرلىمەك قىيىن، ئەمما ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دەل ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەندە زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر