باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەتنى بېيىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

___ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا، گۈللەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا (7)

2017.09.25 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توخۇ يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، بۇ مۇقەددەس زېمىندا ئارقا-ئارقىدىن زەپەر مارشى ياڭرىدى ___

  2-ئاۋىياماتكا دوكتىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ سۇغا چۈشتى، C919 ناملىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملىدى، «ئاي پەرى- 5» نى ئايغا قويۇپ بېرىش سەپىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى .... كۈچلۈك دۇمباق رىتىمى ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ سىمفونىيەنى ياڭراتتى.

  «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش كېرەك». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

  ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت تۈزۈملەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى؛ ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجى بىرلەشتۈرۈلگەن كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، «ھەربىي ئېھتىياجغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىشنى خەلق ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىشقا ئايلاندۇرۇش»، «پۇقراۋى كارخانىلارنى ھەربىي بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتۇرۇش» دولقۇنى كۆتۈرۈلدى... تولۇق ئامىللىق، كۆپ تەرەپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى تېز سۈرئەتتە شەكىللىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ماس تەرەققىي قىلىش، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشقا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەيۋەتلىك يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.دۆلەت ئىستراتېگىيەسى گۈللىنىش ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىدى.بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يەنە بىر باھار.

  2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى باھار كىرىپ پۈتۈن زېمىننى ئويغاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسىدا «دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» دېگەن سۆز جاراڭلىدى.

  ئوخشاشلا بارلىق مەۋجۇداتلار جانلىنىپ، ئۈمىد ئۇرۇقلىرى چاچىدىغان 2013-يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇھىم ساھەلەردە ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجى بىرلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسەتتى؛ 2014-يىلى، تولۇق ئامىللىق، كۆپ تەرەپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، شۇنداقلا ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى بىرلىشىشتىن چوڭقۇر بىرلىشىشكە ئۆتۈپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى». تونۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان كەڭ نەزەر دائىرە، تولغان ئەقىل-پاراسەتتىن كەلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر