باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يامغۇر ياغدۇرۇشتىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2017.09.25 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مۇقىم قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز بىر ئايروپىلان 24- چېسلا شىنجاڭ بارىكۆل يايلىقىدا تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇش مەشغۇلات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا مۆلدۈردىن مۇداپىئەلىنىشتەك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشىدا ئۈمىد بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىن لۈشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان رادار ئارقىلىق كونترول قىلىنىپ، تاغلىق رايون ئاسمىنىدا بۇلۇتلار ئارىسىدا مەشغۇلات قىلىدۇ ۋە كۈمۈش يودىنى چېچىش ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدىكى بۇلۇتلارنى سۈنئىي يامغۇرغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇرۇنقى ئۇسۇللارغا، يەنى ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئېتىش ۋە ئۇچقۇچىسى بار ئايروپىلان دېگەندەك ئۇسۇللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇشتا، ئۇنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇش، مەشغۇلات ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش ۋە مۇرەككەپ ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش دېگەندەك ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

  جىن لۈشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 10 سائەتتىن كۆپ بولۇپ، ئۇنى كۆرۈنۈش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان بۇلۇت ئارىسىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە پىرىبورلارغا ئاساسلىنىپ قونۇشتەك ئىقتىدارغىمۇ ئىگە. يامغۇر كۆپەيتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە تەننەرخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا يەنە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرمۇ قوشۇمچە ئورنىتىلدى. شۇڭا، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنى دەرھال نازارەت قىلالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلالايدۇ. ھەم شۇنداقلا، تىزىملىتىلمىغان ئۇچۇشلارنىڭ ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپىنى توسۇپ قالالايدىغان ئىقتىدارىمۇ بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر