خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ئايال قۇمۇل شەھىرى داۋاي يېزىسى گۈلدەستە كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا زاكاز قىلغان مەھسۇلاتنى تىكمەكتە ( 9- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرى ئاكتىپلىق بىلەن ھۈنەر-سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا ئاياللىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىپ، ئاياللارنى مىللىيچە كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا پائال يېتەكلىدى ۋە ئۇلارغا ئىلھام بەردى، ھەمدە كەشتىچىلىك كەسپىنى تارقاق كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدىن تەدرىجىي ھالدا تەشكىللەنگەن ۋە كۆلەملەشكەن يولىغا ماڭدۇرۇپ، شۇ جايدىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى