باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۆلچەرلىنىشىچە، چاپچال-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ چوڭ خونۇقاي تونېلىدا كېلەر يىلى 10-ئايدا قاتناش باشلىنىدۇ

2017.09.25 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-سېنتەبىر، مۇخبىر G219 لىنىيەسى چاپچال-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ چوڭ خونۇقاي تونىلى تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش خادىملىىرنىڭ مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 270 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغ 200 مىليون يۈەن، ئىلى ئوبلاستى مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغ 70 مىليون يۈەن. تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2710 مېتىر، قۇرۇلۇش 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2018-يىلى 10-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىكەن.

  بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، چاپچال-موڭغۇلكۈرە تاشيولى قاتنىشىنىڭ بىر يىلدا ئىككى پەسىللا ئېچىۋىتىلىدىغان تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، بىر يىلدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قاتناشقا بولىدۇ. بۇ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تاشيول قاتناش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقنى قىسقارتىدۇ. نورمال سائەتلىك يۈرۈش تېزلىكى بويىچە، ئەسلىدىكى ئىككى يېرىم سائەتلىك مۇساپە بىر سائەت قىسقىراپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن غۇلجا شەھىرىگە بىر يېرىم سائەتتە بارغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر