باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى تۈركۈمدە 48 كارخانىنىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ماكانلىشىشى تەستىقلاندى

2017.09.29 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-سېنتەبىر خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، رايونغا كىرگەن كەسىپلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەلى بابا، تېڭشۈن، بەيدۇ، جىڭدۇڭ پۇل مۇئامىلە، چىخۇ 360، شېنجېن گۇاڭچى، دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش شىركىتى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا 48 كارخانا تەسىس قىلىشى تەستىقلانغان. ھازىرغا قەدەر، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تېڭشۈن كومپيۇتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق توققۇز كارخانا تىجارەت كىنىشكىسى ئالدى.

  كىرىش تەستىقلانغان 48 كارخانىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ساھەدىكى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى بولۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى تۈرىدىكى 14 كارخانا، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت تۈرىدىكى 15 كارخانا، يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدىن يەتتىسى، يېشىل ئېكولوگىيە كارخانىسىدىن بەشى، باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت كارخانىسىدىن يەتتىسى بار. 48 كارخانا ئىچىدە، 19 مەركەز كارخانىسى، 21 پۇقراۋى كارخانا بار؛ بېيجىڭدىن كەلگەن 24 كارخانا، شېنجېندىن كەلگەن 13 كارخانا بار.

  يۇقىرى دەرىجىدىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلار كەسىپلەر يېڭى رايونىنىڭ كەسىپ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ، شېنجېن گۇاڭچى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ كىرىشى يېڭى رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر