باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.09.27 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاڭ گاۋلى بېيجىڭ-شيۇڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالىنى پىلانلاش نۇقتىسىغا بېرىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنىنى پىلانلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ رۇڭچېڭ ناھىيەسىدىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى پىلانلاش نۇقتىسىغا بېرىپ، يېڭى رايوننىڭ ئورمان شەھىرىنى مەخسۇس پىلانلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ «گۇاڭچى» ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە بېرىپ، سەرخىل، يۇقىرى، يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. جاڭ گاۋلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنشىن ناھىيەسىدە خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، يۇقىرى نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، يېڭى رايون قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق، باسقۇچلۇق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. خېبېي ئۆلكىسى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى، بېيجىڭ، تيەنجىن شەھىرى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، يېڭى رايون قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يېڭى رايوننىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 300دىن ئارتۇق قابىل مۇتەخەسسىسلەرنى يىرىك پىلان تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 12 كوللېكتىپ ئوتتۇرىغا قويغان شەھەر لايىھەسىنى ئالدىن تاللاپ چىقىپ، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ دەلىللەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئومۇمىي لايىھە رامكىسىدا خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە تەپسىلىلەشتۈرۈپ، يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 22 تۈرلۈك مەخسۇس يىرىك پىلاننى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى. يېڭى رايون ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىپ، باشلىنىشى ياخشى بولدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتى لايىھەلەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر، ئۆي، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر تەتقىقاتلارنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇردى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بەيياڭدىيەن كۆلى ۋادىسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويدى. باشقۇرۇش-كونترول قىلىش خىزمىتى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جەمئىيەت ئىناق بولدى، مۇقىملىقنى ساقلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق گېزىتى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر