باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتاغا بارىدىغان يېڭى تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلدى

2017.09.27 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ 9- ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، بىۋاسىتە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە بارىدىغان خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى قاتنايدىغان بولۇپ، ئىلگىرى شىنجاڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىدىغان پويىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا ۋاقىت ۋە مۇساپە جەھەتتىن زور دەرىجىدە قىسقارغان.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىندا سۆزلىشىش ئارقىلىق، 9-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى — ئالمۇتا K9795/K9796 قېتىملىق خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئالاتاۋ پورتى - دوستلىق پورتىدىن چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى قورغاس-ئالتۇنكۆل پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىقىشقا ئۆزگەرتىشنى بېكىتكەن.

  يېڭى لىنىيە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى — ئالمۇتا خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ مۇساپىسى 1048 كىلومېتىرغا قىسقارتىلىپ، ئەسلىدىكىدىن 301 كىلومېتىر قىسقاردى؛ يۈرۈش ۋاقتى 24 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقىت تېجەلدى. بۇ قېتىملىق خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈشى ھاۋا رايى، تاشيول چېگرا ئېغىزىدىكى بېكىنمىچىلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل تىرانسپورتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىخەتەر، تېز بولدى.

  ئۈرۈمچى-ئالمۇتا خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى يىلبويى قەرەللىك قاتناشنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدۇ. پويىز ھەر شەنبە كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن يولغا چىقىپ، يەكشەنبە كۈنى جۇڭگو قورغاس پورتىدىن قازاقىستان ئالتۇنكۆل پورتىغا ئۆتىدۇ ھەم شۇ كۈنى ئالمۇتاغا يېتىپ بارىدۇ؛ پويىز ھەر دۈشەنبە ئالمۇتادىن يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى قازاقىستان ئالتۇنكۆل پورتىدىن جۇڭگو قورغاس پورتىغا ئۆتىدۇ، سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىدۇ.

  بۇ لىنىيەدە پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگونى كېڭەيتىلگەندىن سىرت، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى بېلەت سېتىش ۋاقىت چەكلىمىسىنى كېڭەيتتى، يولۇچىلار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە قورغاس ۋوگزالىدا پويىز يولغا چىقىشتىن 90 مىنۇت بۇرۇن بېلەت سېتىۋېلىپ ۋوگزالغا كىرسە بولىدۇ.

  تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتىش بەردى: خەلقئارا پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى پويىز يولغا چىقىشتىن 60 كۈن بۇرۇن بولۇپ، خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇش بېلىتى سېتىۋالغاندا، بېلەت سېتىش ئورنىنى ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك پاسپورتى ۋە ۋىزىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر