باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلدى

2017.09.26 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يېپىلدى، نەق مەيداندا سودا سوممىسى 22 مىليارد 700مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يارقىن نۇقتا بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى گەۋدىلەندى.

  بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1600 نەچچە كارخانىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتناشتۇرۇلدى، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولدى، ياڭيۇ كۆرگەزمە رايونىدا يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىلغان 30 نەچچە خىل ياڭيۇ ئاساسى يېمەكلىكلەر قاتارىدا مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى.

  ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۆپەيتىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا، بۇ يىل جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياڭيۇنىڭ جۇڭگوچە ئاساسىي يېمەكلىك تۈرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى يادرولۇق تېخنىكا ۋە ئاچقۇچلۇق جابدۇقلاردىكى قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالتە چوڭ تۈر 200 نەچچە خىل ئاساسى يېمەكلىكنى سانائەتلەشتۈرۈپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، 2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنىڭ ياڭيۇ تېرىلغۇ كۆلىمى 100مىليون مودىن ئاشۇرۇلىدۇ.

  خېيلوڭجياڭ يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا بۇ يىل ئىلگىرى نۆۋەتلىك يەرمەنكىلەرگە قارىغاندا نۇرغۇن قارا ئاشلىق، قارا پۇرچاق ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپەيتىلدى.

  تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدىكى ئاساسى كۈرەش يۆنىلىشى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كۆممىقوناقنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 40 مىليون مو ئازايتىلغان، باقىلا 16 مىليون مو كۆپەيتىلگەن، قارا ئاشلىق قارا پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر