باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى پۇقرالارنىڭ يېمەكلىكلەرنى تېجەش ئېڭىنى كۈچەيتتى

2017.09.26 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسى يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان مەخسۇس پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ يېمەكلىكلەرنى تېجەش، ئاشلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى پۇقرالارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

  ئاۋات ناھىيەسى يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان مەخسۇس پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى مۇۋاپىق ئىستېمالغا يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياجىغا قاراپ بۇيرۇتۇش، ئېشىپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىي غىزالىنىشنى ياخشى ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش، يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ئىلمىي ئىستېمالغا يېتەكلىدى.

  گۈلدىيار تېز تاماقخانىسىنىڭ غۇجايىنى ئەخمەتجان ھېلەك مۇنداق دېدى: ئاشخانىمىز ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا جايلاشقان. ئاشخانىمىزغا كىرىپ چىقىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. كۈتكۈچىلىرىمىز ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئالدىغا بېرىپ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ياخشى ئىگىلەپ، تاماقلىرىمىزنىڭ ئېشىپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدۇق. ئاشخانىمىزغا كىرگەن ھەر بىر خېرىدارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، تاماقلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خېرىدارنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇردۇق.

  ئاۋات بازىرىدىن نۇرمۇھەممەت ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: مەن گۈلدىيار تېز تاماقخانىسىنىڭ دائىملىق خېرىدارى. كۈتكۈچىلەرنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى ياخشى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئەسكەرتمىلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. بىر تال داننىڭ ئاشلىققا ئايلىنىپ تاماق بولۇشىغا دېھقاننىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئەجرى سىڭىدۇ. ئاشلىقنى قەدىرلىگەنلىك دېھقاننىڭ ئەجرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئېھتىياجىمغا قاراپ ئۇزۇقلىنىشنى، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمەن.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى يېمەك-ئىچمەك ساھەلىرىمۇ يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۈستەللەرگە «غىزالىنىشتا تېجەشلىك بولۇش» بەلگىسىنى چاپلاپ، پۇقرالارنى ئىلمىي ئىستېمالغا يېتەكلەپ، ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش قائىدىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان ئىستېمال مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن قەلبىنۇر ئەيسا مۇنداق دېدى: بىز بازار باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا. يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ زۈرۈرلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتۇق. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ لوزۇنكا ئېسىش، ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ. مەدەنىي غىزالىنىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. ئىستېمالچىلارغا مەدەنىي، ئىلمىي، قانۇنىيەتلىك ئۇزۇقلىنىشنى ئۆگىتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارغا بولغان تەشۋىقات- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تاماقخانا ۋە ئايرىمخانىلارغا مەدەنىي غىزالىنىش ئەھدىنامىسىنى چاپلاشنى، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشنى، ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاماق بۇيرۇتۇشنى، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىقنى سەمىمىي ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر