باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى چاۋشيەننىڭ شەرقىدىكى سۇ ساھىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچتى

2017.09.25 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23- سېنتەبىر، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە چاۋشيەننىڭ شەرقىي سۇ ساھىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەربىي ئىشلاردىن خالى رايونىنىڭ ئەڭ شىمالىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان كەمسىتىش ھەرىكىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى ئۇچۇش ھەرىكىتىمۇ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي ئىشلار تاللىشىدىن پايدىلىنىپ چاۋشيەننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ B-IB تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋاي ئارىلىدىكى بازىسىدىن ئۇچۇپ، بۇ سۇ ساھىلىگە باردى،F-15C تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا بازىسىدىن ئۇچۇپ مۇھاپىزەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر