باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا 6.0 بال يەر تەۋرىدى

2017.09.26 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 26-سېنتەبىر ئالتە بال يەر تەۋرىگەن.

  ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بېيجىڭ ۋاقتى 26- سېنتەبىر سائەت تۆتتىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدىكى تالونىكنىڭ جەنۇبىدىكى 193 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز رايونىدا 6.0 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەتتە كىلومېتىر.

  يـەر تەۋرىگەندىن كېيىن، تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى دېڭىز تاشقىنى سىگنالى ئېلان قىلمىدى.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى چوڭ قۇرۇقلۇق بۆلىكى تۇتاشقان جايدا بولۇپ، تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن ۋولقان بەلبېغىغا جايلاشقان، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر