- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېرېنخات شەھىرى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم تاشلىدى
2017.09.26 15:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىزچىل تۈردە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەل رايى قۇرۇلۇشى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېرېنخات شەھىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بايلىق ئالاھىدىلىكىنى نامراتلارنى دەل يۆلەشكە قارىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېشىل تەرەققىياد يولىدا مېڭىپ، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزدى.
ئېرېنخات شەھىرى سەنئۇس كەنتىدىكى كۆكتات تېرىغۇچى دېھقان ۋاڭ لىنپىڭ بىلەن لى شۆچىن ئەر ئايال ساياھەت ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭغانلار.
لى شۆچىن: ئىلگىرى بىز ئەر ئايال ئىككەيلەن كۆكتات سېتىپ تىرىكچىلىك قىلاتتۇق، تۇرمۇش بېسىمىمىز ناھايىتى ئېغىر ئىدى، كەنت كادىرلىرى بىزنى يېزا كەنت ئائىلە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى دېدى. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇلار جۈفېڭ ئۈزۈمىنى كىرگۈزدى، ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت يەنە ئۇلارغا پارنىك سېلىپ بەردى،لى شۆچىن يەنە پەمىدۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى، بۇ كۆكتاتلار ھەم بىخەتەر ھەم يېڭى بولغاچقا بۇ يەرگە كېلىپ سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ كىرىمىمۇ خېلى ئاشتى، لى شۆچىن مۆلچەرى ھىسابلاپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈزۈم مەھسۇلاتى 2مىڭ جىڭ ئەتراپىدا بولۇشى ، كىرىمىمىز 60 مىڭ يۈەنلەرگە يېتىشى مۇمكىن، پەمىدوردىنمۇ 10مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز دېدى.
ئۆتكەن يىلى تاماق ئېتىشكە ئۇستا لى شۆچىن كەنتتىكى يېڭىدىن ياسالغان سودا كوچىسىدا بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ دېھقانلار شادلىقى تىجارىتىنى باشلىدى، دېھقانلار شادلىقى تىجارىتى باشلانغان بىرىنچى يىلىلا سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئاشخانىسىدا ھەمىشە ئادەم كۆپ بولۇپ، كىرىمىمۇ ياخشى بولدى، كۆكتاتلىق پارنىكىدىن دېھقانلار شادلىقىغىچە بىر كۈن ئىچىدە ۋاڭ لىنپىڭ ئەر ئايالنىڭ قولى بىرمىنۇتمۇ بوشىمايدۇ، ئەمما ئۇلارچارچاش ھىس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ چېھىرىدىن ھەمىشە خوشاللىق جىلۋىلىنىدۇ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىد نۇرلىرى پارلايدۇ.
لى شۆچىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە يىلدا تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى، ئىلگىرى كىرىمىمىز ئاز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ بالىنى ئوقۇتاتتۇق. بۇ بىرقانچە يىلدا ھال كۈنىمىز خېلى ياخشلاندى، دېھقانلار شادلىقى تىجارىتىدىن، پارنىك تېرىقچىلىقىدىن يامان ئەمەس كىرىم قىلدۇق، دۆلەت پارنىك سېلىشقا يەنە مەبلەغ سالسا يەنە كۆكتات تېرىيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن يوپۇرماقلىق كۆكتات تېرىماي، پەمىدۇر، تەرخەمەك، بۆلجۈرگەن قاتارلىق كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى تېرىسام، خېرىدارلار مۇشۇ ئېتىزدىلا ئۈزۈپ كەتسە، بازارغا بېرىپ سېتىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن دەپ ئويلىدىم.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر