خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىدىكى قازاق چارۋىچىلار توپ-توپ ئات، كالا، قويلارنى ھەيدەپ، كۈزلۈك ئوتلاققا كۆچمەكتە.
ئىزغىرىن كۈز شامىلى چىقىپ، يېشىل ئوتلاقلار سېرىق رەڭگە كىردى. مال-چارۋىلارنىڭ تۇياقلىرى كۈزلۈك ئوتلاققا كۆچۈش يولىنى توپا-چاڭغا كۆمدى. كۈز كىرىپ ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتلاقلار سارغايدى. شۇ يەرلىك قازاق چارۋىچىلار تۈمەن تۇياقتىن ئارتۇق ئات، كالا-قويلارنى ھەيدەپ، توغراسۇ يايلىقىدىكى يازلىق ئوتلاقتىن 100 كىلومېتىر يىراقتىكى كۈزلۈك ئوتلاققا كۆچتى، كۆچۈش يولىدا تۈمەن تۇياقتىن ئارتۇق مال-چارۋىنىڭ تۇيىقىدىن چىققان توپا-چاڭ كۈننى توسۇۋالغىدەك دەرىجىدە بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى