باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى كۈچەيتىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.09.25 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر. ھاتەمى 23- سېنتەبىر، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتى نەزەرىيەسى يەنىلا ساقلانماقتا، ئىران دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى توختاتمايدۇ دېدى.

  ئۇ شۇ كۈنى، ئىراننىڭ ئەڭ يېڭى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرگەزمە قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خوررەم شەھەر ناملىق بۇ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر ئىستراتېگىيەلىك قۇرال بولۇپ، يىراق مۇساپىلىك، ئىقتىدارى ياخشى، جانلىق ۋە قولايلىق بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ ۋە نىشانغا توغرا زەربە بېرەلەيدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، مۇداپىئە خاراكتېرىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر