باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۈز پەسىللىك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2017.09.26 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدىن سىدىق مىجىت، رىزۋانگۈل مەخمۇت خەۋىرى) يېقىنقى مەزگىللەردە، توقسۇ ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  9-ئاينىڭ 24-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسى، يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، كادىرلار ئىدارىىسى قاتارلىق ناھىيەگە قاراشلىق ئورۇنلار ئىچئېرىق بازىرىنىڭ 21 كەنتىدىكى 3000دىن كۆپرەك يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئىلھام بەردى.

  بۇ قېتىمقى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كۈز پەسىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئاكتىپ قاتنىشىشىقا يېتەكلەپ، يەرلىكتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچېرىق بازىرى يېزا بۇيىچە 21 كەنتتىن 3750 ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا پاختا تېرىشكە ئاكتىپ تەشكىللەپ، پاختىكارلارنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  توقسۇ ناھىيەسى 2017-يىلى كۈز پەسلىدە، يېزالاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 23 مىڭ 850 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 8760 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر