باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇۋەققەت شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگو پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2017.09.26 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى شىجاجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 25-سېنتەبىر، ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇۋەققەت شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگونىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار خۇاڭ شىڭگونى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 3 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى.

  سوت قىلىش ئارقىلىق، جاۋابكار خۇاڭ شىڭگونىڭ 1994-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، تەيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۈرگە ئىشلىتىدىغان يەر ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش- تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىشلار جەھەتتە پايدا يەتكۈزگەن ياكى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قۇلايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، باشقىلارنى نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق، ئالاقىدار خادىملار بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 40 مىليون 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال- مۈلۈكنى قوبۇل قىلغان.

  شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار خۇاڭ شىڭگونىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. خۇاڭ شىڭگونىڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلەپ بولالمىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى پارا ئالغان پاكىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە تۆۋە قىلغانلىقى؛ پاش قىلغان باشقىلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ يىپ ئۇچىنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئېنىقلانغانلىقى؛ ھارام پۇل، ھارام مالنى ئاكتىپ قايتۇرغانلىقى، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ ھەممىسىنىڭ قايتۇرۇپ بولۇنغانلىقى، قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازالاش ئەھۋالى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ، دەپ قاراپ، سوت كوللېگىيەسى يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر