باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەققىدە تۇنجى قېتىم ھۆججەت چىقاردى

2017.09.26 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارخانا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشىشىدىكى كىچىك ھۈجەيرە، كارخانىچلار ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى، كارخانىچلار روھى كەلگۈسىدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «كارخانىچىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى يارىتىپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، بۇ مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى بازار تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: قالتىس ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈش كارخانىچىلار روھىنىڭ جېنى. داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچى بولىدۇ، تەپسىلاتقا ئەھمىيەت بەرگەن كارخانىلارلا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇڭا كارخانىچىلارنى ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۈپەت ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، قىلىپ بېقىشقا، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىپ، خېيىم-خەتەرنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇ خەلقئارادا رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلارنى يېتىلدۈرۈشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە «كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىش»نىڭ كونكرېت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ليۇ چۈەنخۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قارىدى: ياخشى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇھىتى، بازار مۇھىتى ۋە جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا نۆۋەتتە قىسمەن كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرسىز بولۇش، سودا قىلىش روھى سۇسلاش ئەھۋالىنى تۈزەشنىڭ تەدبىرى. پىكىر ئارقىلىق مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. كارخانىچىلار روھى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا، بىرىنچى قاتلامدىن كارخانىچىلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. بىز دائىم كۆچمەس مۈلۈكدارلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بولىدۇ، دەيمىز، شۇڭا كارخانىچىلارنىڭ بايلىق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى قاتلامدىن، كارخانىچىلار ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، سەمىمىي تىجارەت قىلىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رىقابەتلىشىش سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى پۇختىلاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر