باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

2017.09.26 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ، ئاممىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇھىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

  ھازىر ئايباغ يېزىسىنىڭ تۈۋەنكى قاغىمۇش كەنت ئاھالىلىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ھەر قايسى مەھەللىلەرنىڭ ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىغا قۇيۇلغان ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلاشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش، قالايمىقان ئەخلەت تۆكۈش، مۇھىت بۇلغاش قاتارلىق مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۈۋەنكى قاغىمۇش كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئىمىن مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايغا جايلاشقان. شەھەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كەنتىمىزگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىدىغانلار كۆپىيىپ، كەنتىمىزنىڭ مۇھىت ئىشلىرى دەخلىگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ، كەنتىمىزنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىغا ئەخلەت ساندۇقلىرى، ئەخلەت تۇڭلىرى قۇيۇلۇپ، ئەخلەتلەرنى ئەخلەت ساندۇقلىرى ۋە ئەخلەت تۇڭلىرىغا تۆكۈش كەنت ئاھالىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ، كەنتىمىزنىڭ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى،

  تۈۋەنكى قاغىمۇش كەنتى ئاۋات ناھىيەسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئەخلەت ساندۇقلىرى ۋە ئەخلەت تۇڭلىرى قۇيۇلغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەردە كەنت ئاھاللىلىرى ئەخلەت ساندۇقى ۋە ئەخلەت تۇڭلىرىنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، كەنت مۇھىتى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشىلانمىغان ئىدى. كېيىن كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ئەخلەت ساندۇقلىرى ۋە ئەخلەت تۇڭلىرىنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىغا قۇيۇشنى قارار قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىيلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشتا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا ئۈلگە بولدى. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتى ۋە ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى ھەم ھەر ئايدا بىر قېتىم «ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر»نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىرىنىڭ مۇھىت ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىرى كۆتۈرۈپ، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى.

  مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئوقۇشىمىزچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاۋات ناھىيەسى 1 مىليۇن 960 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىككى ئەخلەت توشۇش ماشنىسى، 85 ئەخلەت ساندۇقى، 1235 ئەخلەت توڭىنى يېڭىدىن ئورنىتىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يوقىرى كۆتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر