باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2017-يىللىق شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

2017.09.26 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى ئۆلچىمى دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلاندى، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ مائاش ئۆستۈرۈش ئاساسىي سىزىقى %8، مائاش ئۆستۈرۈش يۇقىرى چەك سىزىقى %10.5، تۆۋەن چەك سىزىقى %3 بولدى.

  بۇ دېگەنلىك، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى نورمال كارخانىلارنىڭ مائاش ئۆستۈرۈشى ئاساسىي سىزىقتىكى %8 بويىچە ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ، مائاش سەۋىيەسى يۇقىرى، مائاشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز كارخانىلار مائاش ئۆستۈرۈشتە يۇقىرى چەك %10.5تىن پايدىلانسا بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەن ياكى زىيان تارتقان كارخانىلارغا نىسبەتەن، مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ تۆۋەن چېكى %3 بويىچە بولسا بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈن جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىللىق كارخانىلارنىڭ مائاش ئۆستۈرۈش ئۆلچىمى ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاش بولغان. كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت بولسا، خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئىكەن. مائاش يېتەكچى سىزىقى شۇ جايدىكى ئىقتىساد تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سۈننىي تەننەرخ قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۆرسەتكۈچلەر بويىچە تۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر