سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەتمەن بازىرىدا، بىر بوۋاي تەمبۇر مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلانماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئايدا شىنجاڭ قەشقەردە كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، بۇ شەھەردىكى كەتمەن بازىرىدا ھەر كەچقۇرۇن بازار رېتىمى تەدرىجىي ئاستىلايدۇ، يەرلىك ئاھالىلەر ئاستا ھەم راھەت تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. كەتمەن بازىرى ئاساسلىقى تۆمۈرچىلەر كەتمەن قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش قورالىنى سوقۇپ ۋە تىجارەت قىلغانلىقتىن «كەتمەن بازىرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، قەشقەر كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان. ساياھەتچىلەر «كەتمەن» بازىرىدا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر تۆمۈرچىلىك پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرەلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى