باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» دېگەن كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2017.09.30 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» دېگەن كىتاب يېقىندا مەركەز ھۆججەت تەتقىقات نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇشى باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىش، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى دەۋرىگە تىرىشىپ يۈرۈش قىلىش، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر