باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ليۇ يەندۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

2017.09.30 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 28-سېنتەبىر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئاق سارايدا، ۋاشىنگتوندا ئۆتۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىجتىمائىي ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يەندۇڭ زۇڭتۇڭ ترامپقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە زىيارەت تەييارلىق خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىجتىمائىي ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت ئاسراش، يەرلىك ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

  زۇڭتۇڭ ترامپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سالىمىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ليۇ يەندۇڭغا رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆز سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى. ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن پات ئارىدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولۇشقا ناھايىتى تەقەززامەن، مەن زىيارەتنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر