باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ماركسىزمنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.09.30 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھازىرقى دۇنيادىكى ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئېقىم ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا 43-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، ماركسىزم بىز كوممۇنىستلارنىڭ غايە-ئېتىقادىنىڭ روھى. 21-ئەسىر ماركسىزمىنى، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگونى مەۋقە قىلىپ، نەزەرنى دۇنياغا ئاغدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلەتنى ساقلاپ، ماركسىزمنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى تارقىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇچۇر-ئاخبارات تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جياڭ خۈي بۇ مەسىلىنى يېشىپ چۈشەندۈردى ھەم پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلار يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدا، ئىلمىيلىقى، ھەقىقەتلىكى، تەسىرى، تارقىلىشى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھېچقانداق ئىدىيەۋى نەزەرىيە ماركسىزمدەك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن ئەمەس ھەم ھېچقانداق بىر تەلىمات ماركسىزمغا ئوخشاش دۇنياغا بۇنداق چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس. بۇ ماركسىزمنىڭ زور ھەقىقەت كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نايامان قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى تونۇشى، دۇنيانى ئۆزگەرتىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە ھېلىھەم تەڭداشسىز رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھازىرقى دۇنيادىكى ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئېقىمنى ئۆگىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، 21-ئەسىر ماركسىزمى، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر