خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ پورت شەھىرى بومبايدا 29-سېنتەبىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 22 ئادەم قازا قىلىپ، 39 ئادەم يارىلاندى.
ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا يۈز بەردى، ئەينى چاغدا بومبايدا تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن، پويىزغا ئولتۇرۇشقا تەييارلانغانلار بەس-بەستە بېكەتكە يېقىن ئەتراپتىكى پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكى ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلانغان، بۇ دەل ئىشقا بېرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بولغاچقا، ئاسما كۆۋرۈك ئاستىدىكى پىيادىلەر ھەددىدىن زىيادە قىستىلىپ، دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىرى مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا يامغۇر بەك قاتتىق ياغدى، كۆۋرۈكتىكىلەر ئالدىراپ چۈشمەكچى بولدى، بىراق شەھەر ئەتراپىدىن كەلگەن پويىزدىن چۈشكەنلەر يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى، بۇنىڭ بىلەن دەسسىلىش يۈز بەردى».
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھىندىستان تۆمۈريول مىنىستىرلىقى تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ يارىلانغانلارنىڭ داۋالاش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تۆمۈريول مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا 500 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 50 مىڭ 900 يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى، ئېغىر يارىدارلارنىڭ 100مىڭ رۇپىيە تۆلەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، يىنىك يارىدارلارنىڭ 50 مىڭ رۇپىيە تۆلەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى