باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئولىمپىك كەنتى سوتخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لى

خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن خەلق سوتچىسى (پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتى)

خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ خاۋنەن

2017.09.30 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانداق سوتچىلار خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ «دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش، ماجىرانى ھەقىقىي ھەل قىلىپ زىددىيەتنى پەسەيتىش، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش»، ليۇ لى ئۆز ھەرىكىتى بىلەن بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

  بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئولىمپىك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش سوتچىسى ليۇ لى ھەق تەلەپ سوتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان 3000دىن ئارتۇق ھەق-تەلەپ دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، 8000 دەۋالاشقۇچى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلمىدى، پۇقرالار تەرىپىدىن «خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن خەلق سوتچىسى» دەپ تەرىپلەندى.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بىر جۈپ ياشانغان موۋاي-موماينىڭ ئوغلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، يېڭىلا بېيجىڭدا خىزمەت چۈشۈپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز قازا قىلدى. ئوغلىدىن ئايرىلىش ئازابىغا چىدىمىغان بوۋاي «خىزمەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن ئوغلىنىڭ ئىش ئورنىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم تەلەپ قىلدى.

  1977-يىلى تۇغۇلغان ليۇ لىمۇ بىر ئانا بولۇپ، ئۇ بۇ دېلونىڭ قىيىن نۇقتىسىنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقىرىش بولماستىن، بەلكى قانداق قىلىپ ياشانغانلارنىڭ كۆڭۈل تۈگىنىنى يېشىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپ ھاللاردا دېلوغا ئاق ياكى قارا دەپلا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەۋالاشقۇچىلارغا كېرىكى نوقۇل بىر ھۆكۈم نەتىجىسىلا ئەمەس.

  شۇ كۈندىن باشلاپ ليۇ لىنىڭ تېلېفونى بوۋاي-موماينىڭ مەخسۇس قىزىق لىنىيەسىگە ئايلاندى. 40 نەچچە قېتىم تېلېفونلىشىش ئارقىلىق بوۋاي-موماينىڭ كۆڭۈل تۈگىنى ئاستا يېشىلدى. ليۇ لى ئاخىرقى ھۆكۈم چىقارغاندا پاكىت ۋە قانۇنغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى، بوۋاي-مومايمۇ بۇ ھۆكۈمنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۇلار «ليۇ لى ياخشى سوتچى، ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز» دېدى.

  ليۇ لى مۇنداق دېدى: خەلقنى ئىشەندۈرۈش ئۇنچە تەس ئەمەس. ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن ياردەم بەرسەك، خەلقمۇ بۇنى تەبىئىي ھېس قىلالايدۇ.

  ليۇ لىنىڭ نەزىرىدە ئاممىغا ھەر بىر دېلودا ئادىل، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ھەر بىر دېلونى ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىنى ئادىل، ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم كۆرسەتمە قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر