باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بىكار قىلىندى

2017.09.29 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى، قوشۇمچە باش ۋەزىرى سالمان 26-چېسلا پەرمان ئېلان قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلدى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كومىتېت تەشكىللەپ، پەرماننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلەنگەن بىردىنبىر دۆلەتتە كېلەر يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ رول تۇتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى. بۇ پەرمان ئېلان قىلىنىشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئائىشە ئىسىملىك بىر ئايال مۇئەللىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا: «بەك تۇيۇقسىز بولدى، بۇنىڭ راستلىقىنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، بەك ياخشى بولدى! بىز بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا دۆلەتلەردىكى ئاياللارغا ئوخشاش ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقالايدىغان بولدۇق»، دېدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى 1932-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىسلام ۋاھابى ئېقىمىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، ناتونۇش قىزـ يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى، كىنوخانا، ھاراق مەنئى قىلىندى. ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە قارىتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاشكارا مەنئى قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن قاتناش ئىدارىسى ئەزەلدىن ئاياللارغا پىراۋا تارقاتمىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى مەنئى قىلىشقا قارىتا ھىچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. لېكىن كۆپىنچە سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ قارىشىچە، دىنىي دائىرىلەر: «ئاياللار ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىقسا، ئەرلىرىنىڭ نازارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. بۇ، ئەر-ئاياللارنىڭ بىنورمال ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى. 2013-يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاياللىرى تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانى مەسلىھەت كېڭىشىگە كىردى. 2015-يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاياللىرى تۇنجى قېتىم ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. لېكىن بۈگۈنگە قەدەر، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاياللار سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، توي قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئائىلىدىكى ئەرلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر