باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى بىلەن بىردەك

2017.09.30 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا 72-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. 21-سىنتەبىر، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئىككى يىل بۇرۇن رەئىس شى جىنپىڭ 70-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»نى تەكىتلىدى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى بىلەن بىردەك، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنتىلىشى بىلەنمۇ ماس كېلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، بىرلىكتە كۆرەش قىلىش نىشانىمىزغا ئايلاندى.

  ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يۈرگۈزۈشتە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئەتىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»دە «چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولۇش»قا ھۆرمەت قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەر «بىر-بىرى بىلەن ئەپ، ئىناق ئۆتۈش»ى، «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغدىشى»، «ئاممىۋى مەنپەئەت بولمىسا، قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى»، خەلقئارا ئاپپاراتلاردىن پايدىلىنىپ، يەرشارىدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. 2011-يىلى جۇڭگو «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يېڭى مەنزىل قىلىپ، ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ۋە ئورتاق قىممەتنىڭ يېڭى مەزمۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. 2012-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا «ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئەتىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ باراۋەر، تەڭپۇڭ يېڭىچە يەرشارى تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2013-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان ھۆكۈمىنى دۇنياغا يەتكۈزدى. تۆت يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق بايان قىلدى، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە قىممىتى توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆپرەك كۆزلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلدى.

  مەيلى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋە ياكى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىشتا بولسۇن، جۇڭگو «يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى» ھەمدە «يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت» مىزانىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، دۆلەتلەر چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشى كېرەك. بىز باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، مەسلىھەتچان، ئەپۇچان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىمىز، ھەققانىي، تەڭ قۇرۇپ تەڭ بەھىرلىنىدىغان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى بەرپا قىلىشىمىز؛ ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادىي، سىغدۇرۇشچان، نەپ يەتكۈزىدىغان تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز؛ ئىناق ئەمما پەرقلىق، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ تەبىئىي، يېشىل تەرەققىياتقا ھۆرمەت قىلىدىغان ئېكىلوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

  جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ خەلقئارانى ئوڭشاش توغرىسىدىكى مۇھىم لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان «تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيەت، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك»تىن ئىبارەت يۈكسەك نىشان بىلەن بىردەك، كىشىلەرگە، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىن بولدى.

  كىشىلەر شۇنىمۇ تەڭ كۆرۈپ يەتتىكى، بەزى چوڭ دۆلەتلەر خەلقئارا ھەمكارلىق ئەنئەنىسىگە پىسەنت قىلماي، ئىش-ھەرىكەتتە ئۆزىنى ئەلا بىلىپ، بارغانسېرى مەنپەئەت قوغلىشىپ كەتتى. قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان بۇنداق ئىش «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات خارتىيەسى»نىڭ روھىغا خىلاب. بۇنداق شەخسىيەتچىلىك ئىنسانىيەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىدىكى باراۋەرلىك ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا جەزمەن ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  تەتۈر ئېقىم ئالدىدا جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ناھايىتى مۇستەھكەم. شۇڭا جۇڭگو ھەمكارلىق مىخانىزمىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇش ياكى رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك پىلانىغا تۈرتكە بولۇش بولسۇن ۋە ياكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولسۇن، جۇڭگو ھەممىسىدە «يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت» فاڭجېنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. ئالايلۇق، جۇڭگو رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە نۇرغۇن كۈچ چىقىرىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدا تىركىشىۋاتقان تەرەپلەر ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىپ، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى باسقۇچتا رايون مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك، ئادىللىق ۋە تەرەققىيات توغرىسىدىكى مەڭگۈلۈك پىرىنسىپىنى دۇنيا بىلەن بىرگە پەيدا قىلغان. جۇڭگو مىسلىسىز تىرىشچانلىق ئارقىلىق، جۇڭگو لايىھەسىگە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر