باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر تولۇق سايلىنىپ بولدى

2017.09.30 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 2287 ۋەكىلنى سايلاپ چىقتى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە مەركەزنىڭ ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا سايلاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، تەكرار غۇلغۇلا قىلىش، دەرىجىمۇ-دەرىجە تاللاش چارىسى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى.

  سايلانغان ۋەكىللەر ئومۇمىي جەھەتتىن مەركەز بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەممىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپاغا، ياخشى ئىستىل، پەزىلەتكە ۋە نىسبەتەن كۈچلۈك كېڭىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئىش ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، ئۇلار پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردۇر؛ ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى نىسبەتەن مۇۋاپىق، تۈرلۈك تەشكىللىنىش نىسبىتى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ 1-سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، بەلگىلىك نىسبەتتە ئايال پارتىيە ئەزالىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي-قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، ساقلىقنى ساقلاش، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ۋەكىللەر بار.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى ۋاقتى كەلگەندە يەنە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى بېكىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر