باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سۈن جېڭسەيگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى

سۈن جېڭسەينىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ

2017.09.30 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دىلوسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلىپ ھەم ماقۇللىنىپ، سۈن جېڭسەيگە پارتىيەدىن قۇغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  مەركەز كۈزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزەتكەن ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، سىياسىي-قانۇن ئورگىنى دىلو تەكشۈرۈش، بېجىرىش داۋامىدا بايقىغان ۋە ئامما پاش قىلغان، ئىنكاس قىلغان يىپ ئۇچى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن، مەركەز 2017- يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈن جېڭسەينى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام جەھەتتىن تەكشۈرۈشىنى، ئۇنىڭ بىلەن تەشكىلىي جەھەتتىن سۆزلىشىشنى قارار قىلدى. 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سۈن جېڭسەينى دىلو ئېچىپ تەكشۈرۈشى قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر