باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ سىرتنى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى باشلايدۇ

2017.09.30 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئۇقۇشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ سىرتنى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى باشلايدىكەن. 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى بېيجىڭ مېيدىيا مېھمانخانىسىدا تەسىس قىلىنىدىكەن.

  ئاخبارات مەركىزى 19-قۇرۇلتاينى زىيارەتكە قىلىشقا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا زىيارەت قىلىش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىدۇ، زىيارەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ، قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى تەشكىللەيدۇ، مۇخبىرلارنى يىغىنغا قاتنىشىپ قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى تەسىس قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ 19-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر