باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە شىمالىي مۇز ئوكياننى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەشغۇلاتى تاماملاندى

2017.09.25 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ 8-قېتىملىق شىمالىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 23- چېسلا چۇكچى دېڭىزىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مەشغۇلاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق بېرىنگ دېڭىزىغا كىرىپ، شىمالىي مۇز ئوكياننى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەشغۇلاتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  جۇڭگونىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى شىمالىي مۇز ئوكيانغا كىرگەن ئىدى. شىمالىي مۇز ئوكياننى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشتىكى بۇ قېتىمقى مەشغۇلات جەريانىدا، شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ئوچۇق دېڭىز رايونىدا تۇنجى قېتىم مەركىزىي سۇ يولىنى بويلاپ پۈتۈن مۇساپىلىك ئىلمىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بېرىنگ دېڭىزى، چۇكچى دېڭىزى ۋە شىمالىي ياۋروپا دېڭىزى قاتارلىق دېڭىز تەۋەلىرىدە سىستېمىلىق ھالدا كەسىپلەشكەن تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئېلىمىزنىڭ لابرادور دېڭىزى ۋە باففىن قولتۇقى قاتارلىق دېڭىز تەۋەلىرىدىكى تەكشۈرۈش بوشلۇقى تولدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر