باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىچىلارغا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر

(2017-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى)

2017.09.26 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارخانىچىلار ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار بازار رىقابىتىدە تېزدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىر تۈركۈم يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە كارخانىلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىجتىمائىي بايلىق توپلاش، ئىش ئورنى يارىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كارخانىچىلارغا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  1. يېتەكچى ئىدىيەپارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى، كارخانىچىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش، سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بازار مۇھىتى، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىگىلىك يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر