باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» فىلىمى مەملىكىتىمىزدە زور شان-شەرەپ قۇچتى(1)

2017.09.26 16:03   مەنبە: خەلق تورى

«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» فىلىمى مەملىكىتىمىزدە زور شان-شەرەپ قۇچتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 14-نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى «بەش بىر قۇرۇلۇشى»غا تاللانغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. 67 ئەسەر ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى يوللىغان، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى ئىشلىگەن «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» فىلىمىمۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. بۇ فىلىم يەنە 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو فېستىۋالىدا قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» فىلىمىدە ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرۇۋاتقان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، ئايگۈل ئىسىملىك بىر قىزچاقنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشىدا ئاخىرى ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان. فىلىمدە بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىدەك جانلىق رېئاللىق قايتا نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك ياخشى روھى قىياپىتى ۋە كۆتۈرەڭگۈ جاسارىتى ئىپادىلەنگەن. بۇ فىلىم بۇ يىل 4-ئايدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلغان.

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابدۇغوپۇر ئابلىز مۇنداق دېدى: بىز «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» فىلىمىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىستودىيەدىكى ھەممىمىز ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 700دىن ئارتۇق كىنو-فىلىم ئىشلىنىدۇ، «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر باھالىنىدىغان بولۇپ، 1400 نەچچە فىلىم ئىچىدىن تاللانغان 60 نەچچە فىلىم قاتارىغا كىرەلىگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بۇ فىلىمنى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى قەشقەر، خوتەندە ھاۋا سوۋۇپ كېتىپ ئىنتايىن جاپالىق ئىشلىگەن ئىدۇق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، كىنو ئىستودىيەسىنى ھەر جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە، مەملىكەت بويىچە كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شان-شەرەپكە نائىل بولالىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  تالانتلىق ئاكتىيور مېھرىگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: مەن بۇ فىلىمدە ئايگۈلنىڭ مومىسىنىڭ رولىنى ئالدىم، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو فېستىۋالىغا مەن ۋە رولدىكى نەۋرەم ئايگۈل بىلەن قاتناشتۇق. بۇ فىلىم كىنو بايرىمىدا قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. فىلىمنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ كۆردى، تاماشىبىنلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىغا مەستانە بولۇپلا قالماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ناھايىتى ئىناق ئۆتۈۋاتقان بەختىيار تۇرمۇشىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىسىنى كۆردى. ئۇلار بىزنى قىزغىن ئالقىشلاپ، شىنجاڭغا بېرىپ گۈزەل شىنجاڭنى كۆرگىسى بارلىقىنى ئېيتتى، باھالىغۇچىلارمۇ فىلىمغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى