22-سېنتەبىر، داۋانچىڭ رايونىنىڭ كۆمۈر قاتلىمىدىكى گازنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش بىرىنچى ئېچىش قۇدۇقىغا ئوت يېقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-سېنتەبىر، تۆت كۈن بۇرۇن ئوت يېقىپ سىناش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىرىنچى ئېچىش قۇدۇقى داۋانچىڭ رايونىنىڭ يەر ئاستى كۆمۈر قاتلىمىدا غايەت زور مىقداردا گاز بايلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.
كۆمۈر قاتلىمىدىكى گاز ئادەتتە كۆمۈر گازى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خىمىيەلىك ئاتىلىشى پاتقاق گازى. پاكىز ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېشىل ئېنېرگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆمۈر قاتلىمىدىكى گازنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ رولى تەبىئىي گاز بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆمۈر قاتلىمىدىن ئېلىنغان بىر كۇپ مېتىر گازنىڭ قىممىتى 1.13 كىلوگىرام بېنزىننىڭ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق قىممىتى بىلەن ئوخشاش.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، داۋانچىڭنىڭ يەر ئاستى كۆمۈر قاتلىمىدىكى گاز بايلىقى مول، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 127 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 27 كىلومېتىر، گازلىق كۆلىمى تەخمىنەن 445 كىۋادرات كىلومېتىر، كۆمۈر قاتلىمىدىكى گازنى ئېچىشقا ماس كېلىدىغان ساقلاش قەۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 500 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە، كۆمۈر قاتلىمىدىكى گازنىڭ يەر ئاستىدىكى زاپىسى 100 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان چوڭ كۆلەملىك كۆمۈر قاتلىمى گازلىقى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى